باش بەت / ئەسلى كود

خۇاچياڭبېيدىكى ساقلىغۇچ بازىرىنىڭ كەيپىياتى

admin •  2026-04-05 22:22:59 •  79
ئىككى كۈندە، خۇاچياڭبېيدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بازىرىنىڭ كەيپىياتى سەل باشقىچە بولۇپ قالدى.ئادەم ئالمايدىغان ئەمەس، بەلكى ھېچكىم ئۆتكۈزۈۋېلىشقا پېتىنالمايدۇ.ئىلگىرى باھاسى 3000 يۈەنگىچە ئۆرلەپ كەتكەن 32GB DDR5 ئىچكى ساقلىغۇچ ھازىر بىۋاسىتە 1950 – 2500 يۈەن ئارىلىقىغا چۈشۈپ قالدى، بەزىلەر بىر تالدىن مىڭ يۈەن زىيان تارتسىمۇ چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ سېتىشقا مەجبۇر. بىر پېشقەدەم سودىگەرنىڭ سۆزى ناھايىتى ئەمەلىي بولغان: "2500 يۈەن دېگەن بىر تەرەپ قىلىش باھاسى، يەنە ساتمىسا، ھەقىقەتەن تۇرۇپ قالىدۇ."ئاڭلاشقا چاقچاققا ئوخشايدۇ، ئەمما بۇ قېتىمقىسى راست.بىرىنچى، ئالدىدا ساراڭلاردەك ئۆرلىدى، كەينىدىنلا شالاقشىپ چۈشۈپ كەتتىبۇ قېتىمقى ئەھۋالنى پەقەت بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: ئۆرلىگەندە بەك شىددەتلىك، چۈشكەندە تېخىمۇ بەتتەر.ئۆتكەن يىلدىن مۇشۇ يىلنىڭ بېشىغىچە، DDR5 نىڭ باھاسى ئۇدا ئۆرلىدى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى پىسخىكىسى بولسا:سېتىۋالمىسا = تېخىمۇ قىممەت، ئاۋۋال ساقلىسا = مۇقىم پايدا ئالىدۇ.نەتىجىسىچۇ؟ئاخىرقى كومپيۇتېر قۇراشتۇرىدىغان ئابونتلار باھادىن قورقۇپ چېكىندى، ئېھتىياج بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، بازار تىپىك ھالەتكە ئۆزگەردى باھاسى بار، بازىرى يوق.تېخىمۇ غىدىقلىغىنى، بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك سودىگەرلەر يۇقىرى باھادا مال ساقلاپ، باھا پەرقىدىن پايدا ئالماقچى بولغان، ھازىر مەبلەغ بېسىلىپ قېلىپ، قوڭى ئېچىشسمۇ ئامال قىلالماي مال چىقىرىشقا مەجبۇر.ئۇلارنى باھا چۈشۈرۈۋاتىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ياق، ئۇلار بولسا جان باقماقتا.ئىككىنچى، چۇۋۇۋېلىنغان ماللار بازارغا زەربە بېرىشكە باشلىدىئەگەر پەقەت ئېھتىياج ئاجىزلاشقانلا بولسا، بۇنداق ئېچىنىشلىق بولۇپ كەتمەيتتى.يەنە بىر كۈچ بار:مۇلازىمىتېردىن چۇۋۇۋېلىنغان ئىچكى ساقلىغۇچ.ئاددىي چۈشەنگەندە، سەپتىن چېكىنگەن مۇلازىمىتېردىكى DDR5 چۇۋۇۋېلىنىپ، تېخىمۇ تۆۋەن باھادا بازارغا كىردى.بۇ ماللارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىككىلا خەت: ئەرزان.شۇنىڭ بىلەن بازاردا بىر ئىنتايىن سېھرىي مەنزىرە بارلىققا كەلدى:ئەسلىي يېڭى ماللار: باھاسى يەنىلا تىرەپ تۇرماقتاچۇۋۇۋېلىنغان ئىچكى ساقلىغۇچ: ساراڭلاردەك تۆۋەن باھادا زەربە بەرمەكتەسودىگەرلەرنىڭ ئامبىرى: بېسىلغانچە تېخىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەكتەئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ——كىم ئاۋۋال بەرداشلىق بېرەلمىسە، شۇ ئاۋۋال لوق گۆشكە ئېغىز تېگىدۇ.ئۈچىنچى، ئەڭ بىنورمال بولغىنى: يۇقىرى ئېقىن ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئۆرلەۋاتىدۇبۇ دەل ئەڭ بىنورمال، ھەم ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەر.خۇاچياڭبېي قاتتىق چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، ئەمما يۇقىرى ئېقىندىكى ئەسلىي زاۋۇتلار بىللە گۇمران بولمىدى.نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق باھا ئەھۋالىنى كۆزەتكەندە؛DRAM توختام باھاسى: مۆلچەرلىنىشىچە P تىن ئارتۇق داۋاملىق ئۆرلەيدۇNAND: ھەتتا p تىن ئارتۇق ئۆرلىشى مۇمكىنبۇ نېمە دېگەن گەپ؟سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز نەق مالنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، ئەمما كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى يەنىلا جىددىي.ئۇنىڭغا AI مۇلازىمىتېرى، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ساراڭلاردەك تەلەپ قىلغاچقا، زاۋۇت مەنبەلىرى ئالدى بىلەن يۇقىرى پايدىلىق ساھەلەرگە مايىل بولماقتا.شۇڭا خۇلاسىمۇ ناھايىتى ئاددىي،بۇ قېتىمقى تۆۋەنلەش، كەسىپنىڭ بولماي قالغانلىقى ئەمەس بەلكى قاناللارنىڭ ئۆزلىرى ئېشىپ قالغانلىرىنى ھەزىم قىلىۋاتقانلىقىدۇرتۆتىنچى، ھازىر زادى تۆۋەن باھادا سېتىۋالغىلى بولامدۇ-يوق؟نۇرغۇن كىشىلەر بۇ باھانى كۆرگەندە، بىرىنچى ئىنكاسى شۇكى:"سېتىۋالامدىم-يوق؟"مەن سىزگە تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان بىر ھۆكۈم قىلىش لوگىكىسىنى بېرەي:1. ئەگەر سىز قاتتىق ئېھتىياجلىق ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز (كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇش / دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە)سېتىۋېلىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، ئەمما ئالدىنقى شەرتى ——چوقۇم قېلىپلاشقان قاناللارنى تاللاڭئاشۇنداق روشەن بىنورمال تۆۋەن باھاغا خېرىدار بولماڭ.چۈنكى ھازىر بازاردا نۇرغۇن چۇۋۇۋېلىنغان ماللار ئارىلاشتۇرۇلغان، سۈپىتى، ئۆمرى، مۇقىملىقى قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇقىم ئەمەس.2. ئەگەر سىز تۆۋەن باھادا مەبلەغ سالماقچى بولسىڭىزبۇ نەرسە پاي چېكى ئەمەس، بازار ئەھۋالى بىلەن قىمار ئوينىماڭساقلاش كەسپى گەرچە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆرلەشكە يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇش بەك شىددەتلىك، سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز سىز كېيىنكى گۆشىنى كېسىدىغان ئادەم بولۇپ قالىسىز.بەشىنچى، ھەقىقىي چوڭ ۋەزىيەت، ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرمىدىبۇ قېتىمقى بازار ئەھۋالى قارىماققا ئادەمنى قورقۇتسىمۇ، ئەمما ماھىيەتتە پەقەت بىر قېتىملىق تىپىك دەۋرىيلىك داۋالغۇشتۇر:ئالدىنقى مەزگىلدە شىددەت بىلەن ئۆرلەش → ئېھتىياجنى بۇرۇن سەرپ قىلىشئوتتۇرا مەزگىلدە مال ساقلاش → خەتەرنى چوڭايتىشكېيىنكى مەزگىلدە سېتىۋېتىش → تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشئەمما كەسپلەرنى ھەقىقىي تىرەپ تۇرىدىغان نەرسىلەر يەنىلا بار:AI، سانلىق مەلۇمات مەركىزى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاشمۇشۇلارلا كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ ئېھتىياجىنىڭ ماتورى.شۇڭا خۇلاسەم شۇكى: ۋاقىتلىق ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغان بىلەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاساسى ئىنتايىن پۇختا.ئالتىنچى، ئاخىرىدا بىر ئېغىز راست گەپ قىلايبۇ قېتىمقى خۇاچياڭبېي DDR5 نىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى، ماھىيەتتە ئەرزانلىغانلىق ئەمەس، بەلكى ——بەزىلەر نەپسانىيەتچىلەرنىڭ ئاچكۆزلۈكى ئۈچۈن ھېساب تۆلەشكە باشلىغانلىقى دېسەك توغرا بولىدۇ.سىز ھازىر كۆرۈۋاتقان ھەر بىر 1950 يۈەنلىك ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئارقىسىدا، ئېھتىمال مەلۇم بىر سودىگەر كۆڭلىدە مۇنداق دەپ پىچىرلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن:"بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، ئەينى ۋاقىتتا مال ساقلىمايتتىم……"تامام
ئۆتكەن سانلارنى ئەسلەشئەمدى كومپيۇتېر ئالىدىغانلار 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تەخىر قىلساڭلار بولغۇدەك جۇمۇ
بۇ يازمىنى يەنە قۇتتاشنىڭ ئەپچاق نۇسخىسىدىنمۇ كۆرەلەيسىز. 
0 دانە ئىنكاس | تاكى 2026-04-14 05:48 ئىنكاسلار

ئىنكاس يىزىڭ

كىرىش ياكى تېخى ئەزا بولمىغانمۇ؟ تېزدىن ئەزا بولۇڭ ئەزا بولۇش

سىز تېخى كىرمەپسىز!

default avatar

مەرھابا! كۆكتاش تور دۇنياسىغا خۇش كەلدىڭىز!


سەھىپىلەر

چۈشۈرۈش

ئەسلى كود

ئېلان

كۆكتاش تور بېتى

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ